ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان پائالىيەتتىكى سۆزىدە ئىران كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختالدى.
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار مەسىلىسىدە «توغرا ئىش قىلغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قەدەمنى ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلارنىڭ بېسىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۈگۈن ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ: «ھازىر ئىشلار ئىنتايىن ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى يوق، ھاۋا ئارمىيەسى يوق، ئايروپىلانغا قارشى قوراللىرى يوق، رادارلىرى ۋە رەھبەرلىرى يوق، ھېچنېمىسى يوق» دېدى.
«ھازىر بىز تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتنى كىچىك ئۇرۇش دەپ ئاتايمەن» دېگەن ترامپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.
ئىران بىلەن «تەخمىنەن 6 ھەپتىدىن بۇيان ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى» تىلغا ئالغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى، دۆلىتىنىڭ ۋىيېتنام، ئىراق، ئافغانىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار ئۇرۇشقانلىقىنى، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىراندا ئىنتايىن تېز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ «ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا» تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «پەقەت بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق دۆلەتلەرنى ۋەيران قىلالايدىغان يادرو قوراللىرىغا ئىگە ساراڭلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن (پاي چېكى بازىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى) ئەرزىيتى. شۇڭا مەن بۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، چۈنكى بۇ 47 يىلدىن بېرى قىلىنمىغان ئىدى. باشقا تاللىشىمىز يوق، بۇنى قىلغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى.
ترامپنىڭ «8-9 يىلدىن كېيىن ۋەزىپىدىن ئايرىلىش» ھەققىدىكى سۆزى مېھمانلارنى كۈلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ نۇتقىدا ئىشلەتكەن بىر جۈملە سۆزى زالدىكى مېھمانلارنى كۈلكىگە غەرق قىلدى. ترامپ سودا كارخانىلىرىغا تەمىنلەنگەن باج ئېتىبارلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «مۇشۇنداق قىلغاندا، سەككىز ياكى توققۇز يىلدىن كېيىن ۋەزىپەمدىن ئايرىلغىنىمدا، مەنمۇ بۇلاردىن پايدىلىنالايمەن» دەپ چاقچاق قىلىشى مېھمانلارنى كۈلدۈردى.
ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر «ئاجايىپ ياخشى»
ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان ترامپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئاجايىپ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ۋە ئاساسەن بىر «شېرىكچىلىك» سەۋىيەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۆلەتكە سېلىنىۋاتقان مەبلەغنىڭ ئاشقانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ۋېنېزۇئېلادىن «يۈز مىليونلىغان» ۋارىل نېفىت چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.









