ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈن كۈن بويى داۋاملاشقان رۇسىيە ھۇجۇملىرىدا 14 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 60 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىھور كلىمېنكو دۈشەنبە كۈنى تېلېگرام سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ يەتتە رايونىغا 70 تىن ئارتۇق قېتىم زەربە بەرگەنلىكىنى ۋە خاركىۋغا جايلاشقان مېرېفا بازىرىنىڭ «ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان» جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كلىمېنكو باياناتىدا: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئېنېرگىيە ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈن دىنىپروپېتروۋىسكى، خاركىۋ ۋە چېرنىخىۋ رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇلار قالايمىقان ھۇجۇملار ئەمەس، بەلكى پۇقرالارغا ۋەھىمە سېلىش ئۈچۈن غەرەزلىك تاكتىكىلاردۇر» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتى «نافتوگاز» (Naftogaz) رۇسىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە سۇمى ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى بەش ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. تېلېگرامدىكى ئادرېسىدا: «ئۈسكۈنىلەردىكى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلغان شىركەت، كېلىپ چىققان زىيان سەۋەبىدىن «قىشلىق تەييارلىقلارنىڭ قىيىنلاشقانلىقى»نى قەيت قىلدى.
رۇسىيە تېخىچە ئۇكرائىنانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغان بولسىمۇ، داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن دەۋالارنىڭ مۇستەقىل ھالدا دەلىللىنىشى قىيىن بولماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە كۈنىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان موسكۋا، 8- ۋە 9-ماي كۈنلىرى ئۇكرائىنا بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.











