تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، چارشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئۇرۇش قالدۇقلىرىنى يىغىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ئامباردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ سارمادا ناھىيەسىدىكى پارتلاشتا كۆرۈلگەن تالاپەتلەردىن چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىدلىبنىڭ سارمادا ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر ئوق-دورا ئامبىرىدا بۈگۈن (9-سېنتەبىر) يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بارلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرىمىز. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ۋاپات بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىنلىرىغا ۋە سۈرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر پارتلاشتا 4 كىشى ئۆلگەن، 10 كىشى يارىلانغان.


















