تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھرىدە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھرىدە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان چۈشكەن مېھمانخانىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇچرىشىش ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر، تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىمۇ ھەمدەملىكىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا مىرزىيويېۋنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.»

ئىزدىنىڭ
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ
ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىمۇ؟
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى