لىۋان رەسمىي ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە زەمبۇرەكچىلىرى، يېرىم كېچىدىن ئەتىگەنگىچە يۇقىرى نەباتىيە يېزىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالىي تاھىر تۆپىلىكى ۋە ئورمانلىق رايونلارنى ئارقا ئارقىدىن بومباردىمان قىلغان.
نەباتىيە شەھىرىگە قاراشلىق كەفر رۇممان تۆپىلىكلىرى بىلەن دەبشە تۆپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى رايونغىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن زەمبۇرەك ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغان.
لىۋاندا 1 مىلىيون كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋانغا 2-مارتتا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلاپ، جەنۇبتىكى نۇرغۇن يېزىلارنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا، ئۆي-ماكانسىز قالغانلار سانىنىڭ 1 مىلىيوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كېيىنچە بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىلغان ئىدى.
لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاخىرقى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىڭ 335 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاشىنگتوندا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن، 26-ئىيۇندا لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم رامكىسى ئىمزالانغان ئىدى.














