ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ NBC News قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى توغرىسىدا توختالدى.
زېلېنسكىي دۆلىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ، ئۇكرائىنامۇ ئورۇن ئالغان سۆھبەتلەردە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇكرائىنانىڭ بۇ خىل يىغىنلارغا قاتناشماسلىقىنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن زېلېنسكىي: «چوڭ دۆلەتلەر ھەمىشە پۈتۈن دۇنيانىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قارار چىقىرالايمىز دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە چوڭ بىر خاتالىق. بىر دۆلەت، ھەتتا كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بولماي تۇرۇپ ئۇ دۆلەت ھەققىدە قارار چىقىرالمايسىز» دېگەن قارىشىنى ئورتاقلاشتى.
زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ موسكۋاغا بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ: «ئەگەر راستتىنلا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ئويۇن ئوينىماسلىقنى خالىسا، بۇنى قىلالايدۇ» دېدى.






















