سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ  دۇنياۋى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئالاھىدە تۈر ئۈچۈن 340 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكادا دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلەرگە يۈز مىليونلىغان دوللار قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 AP ئاخبارات ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىگە، خىتاينىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پائالىيەتلىرىدىن، پاناما قانىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پورتلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىنغان ئۇل ئەسلىھە لايىھەلىرىدىن ۋە تېلېگراف ساھەسىدىكى سېلىنمىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ھۆججەتلەردە، ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى 50 تىن ئارتۇق ئالاھىدە تۈر ئۈچۈن 340 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، كارىب دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكادىكى كونىراپ كەتكەن دېڭىز ئاستى تېلېگراف كابېللىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن 175 مىليون 800 مىڭ دوللار چىقىم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مەبلەغ بىلەن سالۋادور، گىۋاتېمالا، گوندۇراس، نىكاراگۇئا ۋە ھايتىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان لايىھەلەرنى قوللاش كۆزدە تۇتۇلماقتا.

مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە (AP) ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىمۇ، خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشى جەھەتتىن خەتەر تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، (AP) ئاخبارات ئاگېنتلىقى  قولغا چۈشۈرگەن مىنىستىرلىق ئىچكى ھۆججىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي يېرىم شار، ئافرىقادا ۋە ئاسىيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىروگراممىلارغا تەخمىنەن 500 مىليون دوللار قوشۇمچە خامچوت ئاجرىتىشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىچكى ھۆججەتتە: «ئامېرىكا، دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى ئاجىزلىتىۋاتقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە دىپلوماتىك تەسىر كۈچىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر» دېيىلدى.

تۈر باسقۇچىدىكى پىلانلارغا ئاساسەن، تىبەتنىڭ روھانىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى تاللاش مۇساپىسىگە خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى بىخەتەر ئالاقە تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسىغا قارىتىلغان خەلقئارالىق قوللاشلارنى توسۇش ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ھەمدە تور چەكلىمىسى تېخنىكىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى