ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كالىبرىيە رايونىدا چىققان بىر قىسىم ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە، ئوت ياققۇچىلارنىڭ ئوتنى چىقىرىش ۋە كېڭەيتىش مەقسىتىدە مۆشۈكلەرنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
كالىبرىيە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى روبېرتو ئوچچىئۇتو ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئاممىۋى مۇداپىئە ئەترىتى كالىبرىيە رايونلۇق دىرېكتورى دومېنىكو كوستارېللانىڭ ۋىدىيولۇق ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلىدى.
كوستارېللا ئۇچۇرىدا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىنچە ئىنسانلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى ئوت ياققۇچىلارنىڭ مۈشۈكلەرنىڭ قۇيرۇقلىرىغا يانىدىغان سۇيۇقلۇقلار بىلەن نەملەنگەن رەختلەرنى باغلاپ، مۆشۈكلەرنى ئېتىز ۋە ئورمانلىق مەيدانلارغا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېنقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
كوستارېللا تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا مۆشۈكلەرنىڭ «ئوت چىقارغۇچى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت دەلىللەرنى تاپقانلىقىغا دىققەتلەرنى تارتىپ: «بۇلار ئىنسانلىققا سىغمايدىغان قىلمىشلاردۇر. ئىنساننىڭ ئەڭ بۈيۈك دۈشمىنى يەنە ئۆزى. بۇ پەقەت يامان نىيەتلىكلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھىي سالامەتلىكى بۇزۇلغان ۋە جىنايەتچى دەپ ئاتىغىلى بولىدىغان بىر كېسەل روھىيەتنىڭ مەھسۇلى» دېدى.
پۇقراۋى مۇداپىئە سىتسىلىيە رايونلۇق دىرېكتورى سالۋو كوپىنا Rainews24 قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئوخشاش بىر ئەھۋالنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان ئوت ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن سىتسىلىيە ئارىلىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ خەۋەر دۆلەتتە كۈچلۈك غەزەپ قوزغىدى، ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقى قوغداش جەمئىيەتلىرى جاۋابكارلارنى بارلىق ئاماللار بىلەن دەرھال تېپىپ جازالشنى تەلەپ قىلدى.
ئىتالىيە ھايۋاناتلارنى ۋە مۇھىتنى قوغداش جەمئىيىتى (AIDAA) مۇ ئوت چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنى ئىشلەتكەنلەرگە قارشى سوتقا ئەرىز سۇنۇدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئوت ياققۇچىلارنى مەلۇم قىلىپ سوتلىنىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغانلارغا 1000 ياۋرو مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.




















