دائىرىلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن دەريا تېشىپ كېتىش ئاپەتلىرىدە ئاز دېگەندىمۇ 50 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان. كۈنلەرچە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغان شىددەتلىك يامغۇر براھماپۇترا دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشىگە سەۋەۋب بولغان.
خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىن باشلىنىپ، ئاسسامنى بويلاپ تەخمىنەن 900 كىلومېتىر ئاقىدىغان ئاسىيانىڭ ئەڭ بۈيۈك دەريالىرىدىن بىرى بولغان براھماپۇترا دەرياسى، كۆپلىگەن يېزىلارنى سۇ ئاستىدا قالدۇردى. ئۆيلەرنى ئېقىتىپ كەتتى ۋە تەخمىنەن 300 مىڭ كىشىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياردەم لاگېرلىرىدا پاناھلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
ئاسسام باش مىنىستىرى ھىمانتا بىسۋا سارما ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، بىر قىسىم ياردەملەرنىڭ تىك ئۇچارلار ئارقىلىق ھاۋادىن تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سارما تەخمىنەن 900 يېزىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ۋە 7 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇتەخەسسىسلەر، ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى پەسىللىك يامغۇرلارنى تېخىمۇ شىددەتلىك ھالغا كەلترگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئادەتتە ئىيۇن-سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر-دېكابىر مەزگىللىرىدە كۆرۈلىدىغان پەسىللىك يامغۇرلار ئەمدى تېخىمۇ تەرتىپسىز ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە كۆرۈلمەكتە
دائىرىلەر ساقچى ئەترەتلىرى، ئاپەتكە تەپتىش قىلىش ئىدارىلىرى ۋە يەرلىك پىدائىيلارنىڭ ئاپاتتە قاپسىلىپ قالغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاساسلىق ئېھتىياج بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
گۇۋاھاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ژۇرنالىست سۇدىپ مازۇمدار: «كېچىنى ئىشخانامدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم. يوللار پۈتۈنلەي سۇ بىلەن قاپلاندى، بەزى يەرلەردە سۇنىڭ سەۋىيەسى بەلگىچە ئۆرلىدى» دېدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئىقلىم كىرىزىسى، جەنۇبىي ئاسىيادىكى پەسىللىك يامغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئىلگىرى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان يامغۇرلار ئەمدى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى مىقداردا ياغدىغان ھەمدە تەرتىپسىز بوران ۋە قۇيۇنلارنىمۇ ئۋلىپ كەلمەكتە، ئارقىدىن ئۇزۇنغىچە تەكرارلىنىدىغان قۇرغاقچىلىق مەزگىللىرى باشلانماقتا.





















