بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بالىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تېل ئاۋىۋنى بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بۇنىڭدىن سەككىز ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، غەززەدە «چوڭقۇر نائېنىقلىق ۋە ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيە» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
گۇتېررېسنىڭ بۇ باياناتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا يولغا قويۇلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، غەززەگە قاراتقان جانغا زامىن بولىدىغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 981 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 مىڭ 104 كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى غەززەدە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، كەم دېگەندە 72 مىڭ 991 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن.
بالىلارنى قوغداش چاقىرىقى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نۇرغۇن بالىلار ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىك بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنى بېسىش» قا چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرى مەسئۇلى ئېدۇارد بېگبېدېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەلخەلىل ئەتراپىدا يەتتە ئايلىق بىر بوۋاق ئۆلتۈرۈلگەن قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھەپتە ئاخىرى غەززەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا سەككىز بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىشى لازىم.
شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بالىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەم يارىلىنىشى، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا مەجبۇرلىنىشى، مەكتەپلەرگە، ئۆيلەرگە، سۇ ۋە سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىغان ھۇجۇملار بالىلار ھوقۇقىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»
بېگبېدېر بالىلار ئۆلتۈرۈلگەن ياكى مېيىپ قىلىنغان ھەرقانداق ۋەقەدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى «ئوچۇق - ئاشكارا، ئىشەنچلىك ۋە قاتتىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھەمدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە» چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ياكى كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە، جۈملىدىن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىكى رولىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ سىستېمىلىق ھالدا مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا.

















