ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر خەۋىرىدە، ئىران سىياسىتى مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تۈركىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمىنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاكسىيوس (Axios) تاراتقۇسىدا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىش پىلانىغا قاراتقان جامائەت ئالدىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال، ئىككى ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئەڭ يېڭى بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن.
ئاكسىيوس ئاقساراينىڭ ئىككى ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئەنقەرەگە بېرىشتىن سەل ئىلگىرى، نېتانياھۇنىڭ Fox News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەنقىد قىلىشىدىن كېيىن، ترامپنىڭ «ناھايىتى قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى» خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ترامپ نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان قورال كېلىشىمىگە جامائەت ئالدىدا ئارىلىشىشقا «ھوقۇقى يوق» دەپ قارىغان؛ يەنە بىر ئەمەلدار بولسا بۇ سۆزلەرنىڭ، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا ئاللىبۇرۇن كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خەۋەر، ئەنقەرەنىڭ رۇسىيەنىڭ «س - 400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدە ترامپتىن كەلگەن ئەڭ يېڭى سىگناللاردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ترامپ بىلەن نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدا پىلانلانغان بىر سۆھبەت يوق
ئاكسىيوس يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ ھەپتە ۋاشىنگتونغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىماي، ترامپ بىلەن نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق كۆرۈشۈشنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نېتانياھۇ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن؛ ئەمما ئاقساراي ئەمەلدارلىرى، ھەرقانداق بىر كۆرۈشۈشنىڭ تېخى جەزملەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاقساراينىڭ بىر ئەمەلدارى ئاكسىيوسقا بەرگەن باياناتىدا: «بىزدە قالغان تەسىرات شۇ بولدىكى، نېتانياھۇ ئۆزىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق بىر كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن.
نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى كېيىنچە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ دەفنە مۇراسىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىن كېيىن پىلانلانغان زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىران ۋە تۈركىيە مەسىلىسىدىكى يوچۇق چوڭايماقتا
مەزكۇر ئېختىلاپ، ۋاشىنگتون بىلەن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ھەم ئىران سىياسىتى، ھەم ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى مەسىلىسىدە نۇقتىئىينەزەر پەرقى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، رايونلۇق ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن دېگەن سەۋەب بىلەن ئەنقەرەگە سېتىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قارشى چىقماقتا. ترامپ بولسا ناتو ئىتتىپاقدىشى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى قايتىدىن ئورنىتىش يۆنىلىشىدە قوللايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.
مەزكۇر خەۋەر يەنە، چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ۋاشىنگتوننىڭ تېھرانغا قاراتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانسنىڭ باياناتلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.



















