تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ناتو باشلىقلار يىغىنىدىكى ئىجابىي باياناتلار ئافىنادا ئەنسىرەش پەيدا قىلدى.
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانىغا ئېرىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي سۆزلىرى ئافىنا ھۆكۈمىتىدە ئەنسىرەش ياراتتى.

گىرېتسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن ئالېكسىس سىپراس «ئېكونومىست» ژۇرنىلى تەرىپىدىن گىرېتسىيەدە ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا كۈن تەرتىپكە ئائىت ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يېقىنقى ۋاقىتلاردا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر چوڭ ئەنسىرەش ياراتماقتا. ھەم ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا» دېدى.

ئالېكسىس سىپراس كىريا كوس مىچوتاكىس ھۆكۈمەتنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسەتنى تاشلاپ، «شەرتسىز بېرىش» سىياسىتىگە ئۆتۈپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىدى. جو بايدېن مەزگىلىدە، ئۆزى ھاكىمىيەت بېشىدىكى چاغدا ئۆكتىچى مىچوتاكىسنىڭ ئۆزىنى «ترامپچى» دەپ ئاتىغۇدەك دەرىجىدە «ئاشقۇنچە ھەرىكەتلەر»دە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

سىپراس: «بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزدا F-35 لەر، F-16 لەر، ياۋروپانىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى (Eurofighter)، ئامېرىكانىڭ ئايروپىلان موتورلىرى تۈركىيەگە بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بولسا چوبان ئارىلىغا (قوزا ئارىلىغا) سىم لىنىيە ياتقۇزۇش ئىمكانىيىتىمىز يوق. ھېچ شۈبھىلەنمەڭ، ئەھۋال دەرۋەقە مانا مۇشۇنداق. دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز خەۋپ ئاستىدا قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرلىق مەزگىلىدە «سودا ھەربىي بازىسى» نى 5 يىللىق ئىشلىتىش كېلىشىمىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئامېرىكادىن تەلەپلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سىپراس، مىچوتاكىسنىڭ بولسا دەدەئاغاچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى 6 ئوخشىمىغان بازا ئۈچۈن مۇددەتسىز بېرىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

سىپراس، تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانىغا ئېرىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك ترامپتىن كەلگەن ئىجابىي باياناتلارغا قارىتا: «مەن دۆلەت دەرىجىلىك بىر مەغلۇبىيەت دەپ باھالايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، تۈركىيەنىڭ F-16، F-35، ياۋروپا ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئېرىشىش، لىۋىيە بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت تېھراننىڭلا بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: مۇداپىئە نىشانلىرىمىزغا پىلاندىن بەش يىل بۇرۇن يېتىمىز
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى