بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا تۈركىيە—سۈرىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق ھەمكارلىق ساھەلىرى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەمدە رايون مۇقىملىقىغا دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
«سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDG) تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئەھۋالى»غا قاراپ چىقىلغان ئۇچرىشىشتا، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتىكى ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.
تەۋسىيە
ئۇچرىشىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن جازالىرىنى بىكار قىلىشىنىڭ تەسىرى ۋە بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشىدىغان تۆھپىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.


















