باياناتچى كېچەلى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2022-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نورماللىشىش مۇساپىسىگە ئائىت ئىشەنچنى ئاشۇرۇش قەدەملىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلدى.
كېچەلى باياناتىدا، بىۋاسىتە سودىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بيۇروكراتىك خىزمەتلەرنىڭ 2026-يىلى 11-ماي ئىتىبارى بىلەن تاماملانغانلىقىنى قەيت قىلىپ، يولغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
يېڭى بەلگىلىمە سايىسىدە، تۈركىيەدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق ئەرمېنىيەگە بارىدىغان ياكى ئوخشاش لىنىيەنى ئىشلىتىپ ئەرمېنىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ماللارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ياكى چىقىش نۇقتىسىنى ئەمدى ھۆججەتلەردە «ئەرمېنىيە/تۈركىيە» دەپ ئەسكەرتىش مۇمكىنچىلىكى يارىتىلدى.
چېگرانى ئېچىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق چېگراسىنى ئېچىش مۇساپىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان كېچەلى، ئورتاق چېگرانى ئېچىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېخنىكىلىق ۋە بيۇروكراتىك تەييارلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېچەلى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تىنچلىق تەسەۋۋۇرىغا دىققەتلەرنى تارتىپ: «جەنۇبىي كاۋكازدا دائىملىق تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي پۇرسەتنىڭ نۇرى ئاستىدا تۈركىيە، رايوندا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ھەمكارلىقنى پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرى بىلەن خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىشكە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.













