دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) «ئېم ۋى خونديۇس» (MV Hondius) ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىدا ئۈچ يولۇچى ئۆلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ خانتاۋىرۇس (hantavirus) كېسەللىك مىسالىنىڭ بايقلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ۋە ئۆلۈم خەۋپى يۇقىرى بولغان بۇ ۋىرۇسقا قارىتا، سەھىيە دائىرىلىرى قەتئىي ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرلىرى كۆرۈلسە، يۇقۇمنىڭ چەكلىك دائىرىدە قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
تېدروس ئادخانوم گېبرېيۇسۇس بەش كېسەللىك مىسالى ۋە ئۈچ گۇمانلىق يۇقۇملىنىشنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، «ئاندېس» (Andes) ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئالتە ھەپتىگىچە ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نۆۋەتتە بىمارلار ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقادا داۋالانماقتا ياكى ئايرىپ مەشغۇلات قىلىنماقتا.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقۇملىنىشنىڭ 1-ئاپرېل ئارگېنتىنانىڭ ئۇشۇئايا شەھىرىدە پاراخوتقا چىققان گوللاندىيەلىك بىر ئەر-ئايالدىن باشلانغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئەر-ئايال ۋە بىر گېرمانىيەلىك يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خانتاۋىرۇس ئادەتتە كۆشىگۈچى ھايۋانلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان، ئۆپكە ۋە يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىدا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان نەپەس يولى كېسەللىكىدۇر. ھازىرچە ئۇنىڭغا قارىتا بىرەر ۋاكسىنا ياكى ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى يوق.
سەھىيە دائىرىلىرى سانت ھېلېنادا پاراخوتتىن چۈشكەنلەر ۋە قازا قىلغانلارنىڭ بىرى بىلەن يوھاننېسبۇرگقا بىللە ئايروپىلاندا بارغان يولۇچىلارنى كۆزەتمەكتە. پاراخوتنى باشقۇرغۇچى «ئوكيانوېد ئېكسپېدىتسىيە» (Oceanwide Expeditions) شىركىتى پاراخوتنىڭ ئىسپانىيەنىڭ تېنېرىف ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، نۆۋەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن باشقا يولۇچى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلدى.












