ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا شەنبە (2026-يىلى 9-ماي) كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى جەزملەشتۈردى.
رۇسىيە ئىلگىرى شەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغان 9-ماي «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى زەپەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆز ئالدىغا ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانىدى. ئۇكرائىنا بولسا ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى، ئەمما موسكۋانىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ترامپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش يەنە ئۆزئارا 1000 دىن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ترامپ ئۆتكەن يىلى (2025) ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر كۈن ئىچىدە ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن، ئەمما ھازىر تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ترامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي مېديا » (Truth Social) تاراتقۇ بېتىدە: «شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئېلان قىلىمەنكى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك (9-، 10- ۋە 11-ماي كۈنلىرى) ئۇرۇش توختىتىش بولىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «بۇ تەلەپنى مەن بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويدۇم، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن، تالاپىتى ئېغىر ۋە كەسكىن داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغۇسى» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, Ukraine trade major attacks ahead of Moscow's Victory Day celebrations
ئۇرۇش داۋاملاشماقتا
ترامپنىڭ ئېلانىدىن ئىلگىرى، جۈمە (2026-يىلى 8-ماي) كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
ئۇكرائىنا ئىلگىرى موسكۋانىڭ ھۇجۇمنى قىسقا مۇددەت توختىتىش چاقىرىقىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە پۇتىننى شەنبە (9-ماي) كۈنىدىكى قىزىل مەيدان ھەربىي پاراتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈنلا ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
كىيېۋ تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە پىسەنت قىلمىغان. زېلېنسكىي بۇنى كرېمىل سارىيىنىڭ تۆت يىللىق ئۇرۇشتا ھەقىقەتەن ئارام ئېلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر سىناق دەپ قارىغان.
رۇسىيە ئەگەر ئۇكرائىنا زەپەر بايرىمى پاراتىغا دەخلى يەتكۈزسە، كىيېۋنىڭ مەركىزىگە كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، چەت ئەل دىپلوماتلىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلمىگەن. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كېچىچە 67 ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە
«ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇش»
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى تۆۋەنلەتكىنى يوق» دېدى ۋە ئۇكرائىنانىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيە يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى (بۇنىڭ ئىچىدە 100 ى موسكۋانى نىشانلىغان)، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ «ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇچقۇسىنىڭ زەربىسىدە رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى خېرسون رايونىدا 41 ياشلىق بىر كىشى بىلەن ئۇنىڭ 15 ياشلىق قىزى جېنىدىن ئايرىلغان.
زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ موسكۋانىڭ تەخمىنەن 200 كىلومېتىر شەرقىي شىمالى تەرىپىدىكى ياروسلاۋل رايونىدىكى بىر نېفىت ئامبىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئالقىشلىدى.
رۇسىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە (8-ماي) كۈنى ئۇكرائىنا ئۇچقۇلىرى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ-دوندىكى بىر ھاۋا قاتنىشى قوماندانلىق مەركىزىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە جەنۇبىدىكى 13 ئايرودۇرۇم تاقالغان. كېيىنچە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قىسمەن ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. پۇتىن بۇ ھۇجۇم توغرىسىدا بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، بۇنى ھاۋا قاتنىشىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان «تېررورلۇق خاراكتېرلىك ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine sends top envoy to US to revive talks with Russia











