فىلىپپىن ساھىل بىخەتەرلىك ئەترىتى (PCG) نىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى كېچىدە فىلىپپىننىڭ غەربىدىكى پالاۋان ئارىلى ساھىللىرىدا بىر يولۇچىلار پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 80 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن.
پالاۋاننىڭ كورون رايونى دېڭىز ساھىللىرىدا «MV June Aster» ناملىق پاراخوتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 43 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ساھىل بىخەتەرلىك ئەترىتى ئېلان قىلغان ۋىدېيولاردا، ئوت يالقۇنىنىڭ پاراخوتنىڭ بەزى قىسىملىرىنى قورشىۋالغانلىقى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ جەسەتلەرنى توشۇۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.
ساھىل بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى نوئېمى چايابىياب، DZXL رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، پاراخوت تىزىملىكىدە 117 يولۇچى ۋە 17 خادىمنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ھازىرغىچە 80 دىن ئارتۇق كىشىدىن خەۋەر ئالغىلى بولمىغان بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تالاپەت سانلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى. پاراخوت مانىلادىن يولغا چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.


















