خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش مۇدىرى تېدروس ئادخانوم گېبرېيۇسۇس «MV Hondius» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىدا پارتلىغان خانتاۋىرۇس يۇقۇمىغا ئالاقىدار يېڭى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى سانچېز مادرىدتىكى مونکلوئا سارىيىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى تېدروس ئادخانوم گېبرېيۇسۇس بىلەن كۆرۈشتى. / Reuters

پارىژدىكى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پاراخوتتا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر فىرانسىيەلىك ئايالنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە سۈنئىي نەپەسلىنىش ئاپپاراتىغا ئۇلانغان.

مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان گېبرېيۇسۇس، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان بۇ پاراخوتنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كۆرسەتكەن «شەپقەت ۋە ھەمكارلىق» روھىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

گېبرېيۇسۇس گەرچە نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر يۇقۇمنىڭ سىگنالى ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق يەنە مۇنداق دېدى: «ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.»

ئارگېنتىنادىن يېشىل تۇمشۇق ئاراللىرىغا قاراپ يولغا چىققان «MV Hondius» پاراخوتىدىكى بۇ قېتىملىق يۇقۇم ۋەقەسىدە، ھازىرغىچە بىرى گېرمانىيەلىك، ئىككىسى گوللاندىيەلىك بولۇپ جەمئىي ئۈچ يولۇچى قازا قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ «ئاندېس» (Andes) ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغان توققۇز بىمارنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، پاراخوتتىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلار ئارىسىدىكى بىر فىرانسىيە پۇقراسى بىلەن بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ مۇسبەت چىققان.

بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش جەريانى

پارىژدىكى سەھىيە دائىرىلىرى 65 ياشلىق فىرانسىيەلىك بۇ بىمارنىڭ «يۈرەك ۋە ئۆپكە فۇنكسىيەسى ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكەن» ئەھۋالدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكتور زاۋىيېر لېسكۇرى (Dr. Xavier Lescure) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇرلار سۈنئىي ئۆپكە ۋە قان ئايلىنىشنى قوللاش سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مادرىدتىكى ھەربىي دوختۇرخانىدا كارانتىن قىلىنغان 14 نەپەر ئىسپانىيە پۇقراسى ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى تۇنجى يۇقۇملانغۇچىنىڭ 6-ئاپرېلدا كۆرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يولۇچىلار ئارىسىدىكى زىچ ئۇچرىشىش ھەمدە ۋىرۇسنىڭ 6 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە بولغان يوشۇرۇن دەۋرى سەۋەبلىك، يەنە يېڭى كېسەللىك مىساللىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

خەلقئارالىق تەدبىرلەر كۈچەيتىلمەكتە

ئەنگلىيە سەھىيە بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىتىدە، يۇقۇم بىلەن چېتىلىشچانلىقى بولغان جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان ئاراللىرىدىكى 10 كىشى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىكەن. گوللاندىيەگە يېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىدىكى 26 يولۇچىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان بولسىمۇ، ئەمما نېيمېگېن (Nijmegen) شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، بىمارلارنىڭ قان-سۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىلىرى بىلەن ئۇچراشقان 12 نەپەر خىزمەتچى ئالتە ھەپتىلىك كارانتىنغا ئېلىنغان.

تېنېرىفې (Tenerife) ئارىلىدا يېقىلغۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تولۇقلىغان «MV Hondius» پاراخوتى، نۆۋەتتە 25 نەپەر خىزمەتچى خادىم، بىر دوختۇر ۋە بىر سېسترانى ئېلىپ روتتېردام پورتىغا قاراپ يول ئالماقتا. ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز دۇنيانىڭ شەخسىيەتچىلىككە ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ياپونىيەنىڭ يېقىنقى ئاكتىپ دىپلوماتىيەسى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كېڭەيمەكتە
ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنىلا رەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە
ترامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈردى
بېلگىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فرانكېن: (تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى) مەن ئۈچۈن بىر ئۈلگە خاراكتېرىگە ئىگە
ھىندونېزىيە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يانار تاغ پارتلىشىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا سەھىيە ئورگىنى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنى «3-دەرىجىلىك» جىددىي ھالەت دەپ ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى