ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى (2026-يىلى 17-نويابىر) ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇز بوغۇزىغا جايلاشقان قەشم ئارىلىنى كۆپ قېتىم بومباردىمان قىلدى. ئىرانلىق بىر يەرلىك ئەمەلدار بۇ ھۇجۇملارنى دەلىللىدى.
ئىراننىڭ رەسمىي «ئىرنا» (IRNA) خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن ھورمۇزگان ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەھمەد نەفىسى: «ئامېرىكانىڭ قەشم ئارىلىدىكى بەزى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىمانلاردا، تۇرالغۇ، سودا رايونلىرى ياكى ئۇل-ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.
ئۇ: «قەشم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت كونترول ئاستىدا. بارلىق قۇتقۇزۇش، مۇلازىمەت ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرى تولۇق جىددىي ھازىرلىق ھالىتىدە تۇرماقتا» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
«ئىرنا» سەيشەنبە كەچتە قەشم ئارىلىدا بەشتىن ئالتىگىچە پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى شۇ كۈنى ئامېرىكا بومباردىمانىدىن ئىلگىرى بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ بىر رادار سىستېمىسىغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ «سىپاھ» (Sepah) خەۋەر تورىدا: «ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ جەڭگىۋار ئۇچقۇلىرى بۈگۈن ئەتىگەن بەھرەيندىكى شەيخ ئىسا ھەربىي بازىسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىر رادار سىستېمىسىنى نىشان قىلغان ئىنچىكە بىر ھەرىكەتنى ئېلىپ باردى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ «ئامېرىكا ئۇچقۇلىرىنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كۆپ قېتىم دەخلى-تەرۇز قىلىشى» غا جاۋابەن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تەۋسىيە






















