خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى / Anadolu Agency (Wire)

گوللاندىيە گېزىتى NRC تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، گوللاندىيەلىك قورال ئىشلەپچىقارغۇچى Destinus شىركىتى خادىملىرىنىڭ، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيەدىكى نىشانلارغا قارشى ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى قويۇپ بېرىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى توسۇشقا تىرىشقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خادىملارنىڭ رۇسىيەنىڭ «شاھىد» (Shahed) ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى چۈشۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، شىركەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىلىرىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئايلارچە ئۇكرائىنادا تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى NRC گېزىتىگە، خەۋەر قىلىنغان پائالىيەتلەرنىڭ توقۇنۇشلارغا بىۋاسىتە قاتنىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ توقۇنۇشتىكى رولى ھەققىدە قانۇنىي سوئاللارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىرلىق بىلەن شىركەت ئوخشىمىغان باياناتلارنى بەردى

گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «قوراللىق توقۇنۇش تەرەپلىرىدىن بىرىگە قارشى بىر قورال سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ توقۇنۇشلارغا بىۋاسىتە قاتنىشىشنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن بولسا، Destinus شىركىتى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر دەۋانى رەت قىلىپ، خادىملىرىنىڭ پەقەت «تېخنىكىلىق ياردەم» بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەكشۈرۈشتە يەنە شىركەت خادىملىرىنىڭ 2023-يىلى رۇسىيەدىكى نىشانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى سىناق قىلغانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى، ئەمما كېيىن نېمە بولغانلىقىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. NRC گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گوللاندىيە Destinus نىڭ مۇداپىئە مەقسىتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ئېكسپورت ھۆججەتلىرىنى رەسمىيلەشتۈرگەن ۋە يۈز مىليونلىغان ياۋرو قىممىتىدە زاكاز بەرگەن.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانىڭ قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىنى قوغدىماقتا

گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توم بېرېندسېن ئۇكرائىنانىڭ گوللاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئىشلىتىش شەرتى بىلەن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەكشۈرۈش، Destinus شىركىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەپتە بېشىدا قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر باياناتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

 

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى
تىرامپ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۆز ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمۇ؟
JD ۋېنس: تىرامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «تۈگىمەس بىر ئۇرۇشقا» ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ
جېفرېي ئېپشتېين ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
نىگېرىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتىلىك ھەرىكەتتە گۆرۈگە ئېلىنغان 125 كىشىنى قۇتقۇزدى
رۇسىيە بىر كېچىدە 1300 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۆت دۆلەت ئىسرائىلىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
ئېستونىيە رۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى 1-دېكابىردىن باشلاپ تاقايدۇ
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئۈچىنچى بىر ئاۋىياماتكا ۋەزىپە گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى
خاقان فىدان «رايونلار ئارا باغلىنىشچانلىق ۋە قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى يىغىنلىرى» غا قاتنىشىدۇ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 16 - نويابىر دۈشەنبە
تۈركىيە ۋە 17 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى