ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «Truth Social» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەمدە «51-ئىشتات» دەپ خەت يېزىلغان بىر پارچە خەرىتىنى ئېلان قىلدى. ترامپنىڭ مۇھىم بىر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا سەپەر قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان بۇ يازمىسى، ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى «Fox News» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتىنى يېڭى بىر ئىشتات قىلىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى دېلسى رودرىگېز بۇ خىل پىكىرنى كەسكىن رەت قىلىپ، مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرى نىكولاس مادۇرونى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىنمۇ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى بولۇشنى «ھەرگىزمۇ» ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. رودرىگېز لاھەي (The Hague) دىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىق مۇساپىمىزنى، شۇنداقلا مۇستەقىللىق قەھرىمانلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز ۋە سۆيىمىز. بىز زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
رودرىگېز ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يۇمشىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ كانچىلىق ۋە نېفىت ساھەلىرىنى چەت ئەل شىركەتلىرىگە قايتىدىن ئېچىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترومۇ تىرامپنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ خىل ئىدىيەنىڭ سىمون بولىۋارنىڭ پىكىر-تەپەككۇرىغا «پۈتۈنلەي زىت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پېترو ئەگەر ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ «ئىرادىسى» بولمايدىكەن، بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ تامامەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسلىدە ترامپ بۇ يىل 2-يانۋاردا مادۇرو تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكانىڭ نېفىت مەنبەسىگە باي بولغان بۇ دۆلەتنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
نۆۋەتتە ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق رودرىگېز 1-ماي كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سايلامنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى «بىلمەيدىغانلىقى» نى ئېيتتى ھەمدە بۇ ئىشنىڭ كەلگۈسىدە «مەلۇم بىر ۋاقىتتا» ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.












