خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى
ياتسۇشىرو دېڭىزى ساھىللىرىدا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى
ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇماموتو ئۆلكىسى ساھىللىرىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇماموتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇكى ۋە ھىكاۋا رايونلىرىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16:27 دە يەر تەۋرىگەن.

7.1 باللىق مەزكۇر يەر تەۋرەش 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىغان.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى  يەر تەۋرەشنىڭ كۇماموتونىڭ ياتسۇشىرو، ئۇتو ۋە ماشىكى رايونلىرىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK، يەر تەۋرەشتىن كېيىن كۇماموتوغا تۇتاش ياتسۇشىرو دېڭىزى ساھىللىرىدا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»