تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ياشلىرىنىڭ دەلىللىنىشىگە ئائىت يېڭى بىر تۈزۈم شەنبە كۈنى «رەسمىي گېزيت» تە ئېلان قىلىندى. بۇ تۈزۈم بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ 15 ياشتىن كىچىك بالىلارغا مۇلازىمەت سۇنۇشى چەكلەندى.
تور بىخەتەرلىك باشقارمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈزۈمگە ئاساسلانغاندا، ياش دەلىللەش ئىشلىرى ئې-دۆلەت (e-Devlet Kapısı) ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلىرى 15 ياشتىن كىچىك بالىلارغا مۇلازىمەت بېرەلمەيدۇ. 15 ياشنى تولدۇرغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساباتلىرىدا بولسا بالىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن مەنپەئەتى بىلەن جىسمانىي، روھىي، پىسخىكىلىق، ئىجتىمائىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتىدىغان بالىلارغا خاس مۇلازىمەتلەر سۇنۇلىدۇ.
تۈزۈم دائىرىسىدە سەھىپىلەر، بالىلارنىڭ ھېساباتلىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە (ئۆزلۈكىدىن) قاتتىق مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ھېساباتلارنى مەخپىي ھالەتكە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ھېساباتلاردا نەقمەيدان تارقىتىش(live stream) قىلىنىشىغا ۋە شەخسلەشتۈرۈلگەن ئېلانلارغا يول قويۇلمايدۇ.
سەھىپىلەر يەنە بالىلارنىڭ پەقەت ئۆزى ئەگەشكەن (نەزەردە تۇتقان) ھېساباتلاردىنلا ئۇچۇر (خەۋەر) قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشكەن تىزىملىكلىرىنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەردىن يوشۇرىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھېسابات تەڭشەكلىرىنى باشقۇرۇشىغا، ئىشلىتىش ۋاقىتلىرىنى چەكلەپ بېرىشىگە ۋە ھەقلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى تەستىقلىشىغا يول قويىدىغان ئاتا-ئانا كونترول قوراللىرىنىمۇ تەمىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تۈزۈم 1-نويابىردا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەۋجۇت ھېساباتلار ئۈچۈن ياش دەلىللەش ئىشلىرىنىڭ 2027-يىلى 31-مارتقىچە تاماملىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە 15 ياشتىن كىچىك ئىشلەتكۈچىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن ھېساباتلار تاقىۋېتىلىدۇ.























