ساقچى دائىرىلىرى پاكىستاننىڭ شىمالىي غەربىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىگە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نەق مەيدانغا ياردەمگە ماڭغان ساقچى خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 12 خادىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، بىنانىڭ خارابىلىككە ئايلانغانلىقى، تام قالدۇقلىرى، كۆيگەن خارابە پارچىلىرى ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئەتراپقا چېچىلىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.
ساقچى ئەمەلدارى ساججاد خان يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەيران قىلىنغان ساقچى ئىدارىسى بىناسىدىن 12 ساقچىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغانلىقىنى، ئۈچ خادىمنىڭ بولسا تىرىك ھالەتتە دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى ئەمەلدارى، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدى بىلەن پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن ساقچى ئىدارىسى بىناسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى، ئاندىن بىنا ئىچىگە كىرىپ قالغان خادىملارغا ئوق چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساقچى ئەمەلدارى: «باشقا قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرى ساقچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى، ئەمما تېررورچىلار ئۇلارغا توزاق قۇردى ۋە بەزى تالافەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى. ساقچى مەنبەلىرى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇش
قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى دوختۇرخانىلىرىغا تەۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. دائىرىلەر باننۇدىكى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتتىھادۇل مۇجاھىدىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر قوراللىق گۇرۇپپا ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى.
بۇ قوراللىق ھۇجۇملار پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشلارنى قايتىدىن ئەۋج ئالدۇرۇشى مۇمكىن. فېۋرال ئېيىدا، ئىتتىپاقداشتىن دۈشمەنگە ئايلانغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى. ئىسلامئاباد ئافغانىستان ئىچىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بازىلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭدىن بۇيان توقۇنۇشلار ئازايغان بولۇپ، چېگرا بويىدا ئاندا-ساندا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى، ئەمما رەسمىي بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىدى.
ئىسلامئاباد ئافغانىستان تۇپرىقىنى پاكىستاندا ھۇجۇم پىلانلاش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا پاناھگاھ تەمىنلىدى دەپ كابۇل دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە تالىبان بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، پاكىستاندىكى قوراللىق ھەرىكەتلەرنىڭ بىر ئىچكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.







.jpg?width=512&format=webp&quality=80)



