مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇق
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇقتۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان قوللاشنىڭ يېڭىلانغانلىقى ۋە ئەنقەرەنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇق / َAA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، كىيېۋدا ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، سودا ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىلگەن «ناھايىتى نەتىجىلىك» زىيارەتتىن كېيىن، داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا قارىماي تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىدان جۈمە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇدانوف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىبىھا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  

«ئۇرۇش شارائىتىغا قارىماي، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»

زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە-ئۇكرائىنا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ماقۇللىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، بۇنىڭ كارخانىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە تىنچلىقنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى

فىدان زىيارەت جەريانىدا، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەرەپلەرنى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىدە جەم قىلىدىغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا تۆھپە قوشىدىغان ھەر تۈرلۈك تەشەببۇسلارنى قوللاشقا تەييارمىز» دېدى.

فىدان يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي رەھبىرى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ ۋە قىرىم تاتار مەجلىسىنىڭ رەئىسى رەفات جۇباروف بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرىم تاتار جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ھەر دائىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت زېلېنسكىي تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان ئوردېننى ئالغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر فىدان، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

فىدان ھەمبەھرىلىگەن باياناتىدا ئاخىرىدا: «تۈركىيە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان يىلتىزى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى دۆلەت باشلىقلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىستىقبال يۆنىلىشىدە، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا داۋاملىق كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى