خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي دۆلىتىنىڭ سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئەتە ئامېرىكادا ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭمۇ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ۋلادىمىر زېلېنسكىي

زېلېنىسكىي مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالغان زېلېنىسكىي، ئۇكرائىنا سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئەتە ئامېرىكادا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كىرىلو بۇدانوۋ، مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگىي كىسلىتسيا، تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئۇمەروۋ ۋە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئاراخامىيا ئۇكرائىناغا ۋاكالىتەن سۆھبەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.

زېلېنىسكىي ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭمۇ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۈچ قېتىم سۆھبەتلەشتىم» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ دېڭىزچىلىق ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش تەكلىپى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنىسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا دىققەت تارتتى. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى بالىلارنى ھېچقاچان زەربە ئوبيېكتى قىلمىغانلىقىنى، كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئەمما قۇرامىغا يەتكەنلەر پات يېقىندا يېڭى بىر قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ. تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىيالمايمەن» دېدى.

رۇسىيەنىڭ تېخنىكا شىركىتى ياندېكسنىڭ ريازان رايونىدىكى بىر سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدىمۇ توختالغان زېلېنىسكىي مۇنداق دېدى:

«بىز ھەمىشە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز. سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە كەلسەك، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ئۇلار سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلدى ۋە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ قايتۇرما زەربە بەردۇق.»

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى