خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 80 مىليون 100 مىڭ دوللار بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەگە «Switchblade 300 Block 20» تىپلىق كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گىرېتسىيەگە ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليون 100 مىڭ دوللار بولغان «Switchblade 300 Block 20» تىپلىق كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە مۇناسىۋەتلىك جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«(مەزكۇر) سېتىپ بېرىش پىلانى، ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىۋاتقان ناتو ئىتتىپاقدىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوللايدۇ.»

سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ جابدۇقلار ۋە قوللاشلارنى سېتىپ بېرىشنىڭ رايوندىكى ئاساسىي ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.

ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى