ئوچېرىك
5 مىنۇت ئوقۇش
ئوپېكنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن 7 مۇھىم پەيتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى
1973-يىلدىكى نېفىت كىرىزىسىدىن سلانېتس(shale)نېفىت داۋالغۇشى ۋە «ئوپېك گۇرۇپپىسى» (OPEC+) نىڭ قۇرۇلۇشىغىچە دۇنيا بازىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئوپېك، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى.
ئوپېكنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن 7 مۇھىم پەيتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى
باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن COP29 كىلىمات يىغىنىدا، ئوپېك بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بىر ۋارىل نېفىت تەسۋىرلەنگەن سەنئەت ئەسىرى. رويتېرس. / Reuters

60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى-ئوپېك، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

1960-يىلى غەربتىكى ئاساسلىق نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بەش دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات، ماس قەدەملىك ئىشلەپچىقىرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئېنېرگىيە باھاسىنى بەلگىلىدى، ئىقتىسادىي كىرىزىسلەرنى پەيدا قىلدى ۋە زور جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچنى قولىدا تۇتۇپ كەلدى.

1970-يىللاردىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە تولغان نېفىت كىرىزىسلىرىدىن تارتىپ، تېخىمۇ كەڭ «+ئوپېك»  ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بازار ئۈلۈشىنى تالىشىش جەڭلىرىگىچە، مىسلىسىز تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ تەشكىلات، ھازىر ئەڭ يېڭى خېرىسقا— يەنى 60 يىلغا يېقىن ئەزا بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چېكىنىپ

چىقىش پىلانىغا دۇچ كەلدى. تۆۋەندە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن يەتتە مۇھىم پەيتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بېرىلدى:

1960-يىل 10-14-سېنتەبىر باغدادتا قۇرۇلدى

بەش قۇرغۇچى ئەزا — ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ۋېنېزۇئېلا — خەلقئارالىق چوڭ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ، يەنى «يەتتە قېرىنداش» نىڭ بىر تەرەپلىمە باھا تۆۋەنلىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باغداد يىغىنىدا ئوپېكنى قۇردى. بۇ شىركەتلەر 1960-يىلى ئاۋغۇستتا يېقىن شەرق نېفىتلىرىنىڭ «بەلگىلەنگەن باھاسى» نى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن ئىدى.

كۈنىمىزدە، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى يېقىن شەرقتىكى 12 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 1967-يىلى ئەزا بولغان ئىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېقىنقى يىللاردا تەشكىلاتتىن ئايرىلغان تۆتىنچى ۋە ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2007-يىلى ئەزا بولغان ئانگولا ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى (quota) ئۈستىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن 2024-يىلىنىڭ بېشىدا تەشكىلاتتىن چىقىپ كەتتى.

ئېكۋادور 2020-يىلى، قاتار 2019-يىلى چېكىنىپ چىققان ئىدى (دوھا ئاساسلىقى گاز ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغاچقا، بۇ تەشكىلاتنى ئۆزىگە ئارتۇقچە پايدىسى يوق دەپ قارىغان).

بۇ تەشكىلات نېفىت سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدۇ، بازارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق باھاغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئانچە يۇقىرى دەپ قارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ نېفىت كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشىغا ئاساس سالدى. تەشكىلاتنىڭ باش ئىشىتابى 1965-يىلى جەنۋەدىن ۋىيېنناغا كۆچۈرۈلدى.

كېيىنچە بۇ تەشكىلاتقا، قاتار 1961-يىلى، ھىندونېزىيە 1962-يىلى (2009-يىلى يانۋاردىن تارتىپ ئەزالىقى توڭلتىپ قويۇلدى) لىۋىيە 1962-يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 1967-يىلى، ئالجىرىيە 1969-يىلى، نىگېرىيە 1971-يىلى، ئېكۋادور 1973-يىلى (1992-يىلى دېكابىردا ئەزالىقى توڭلىتىپ قويۇلدى، 2007-يىلى ئۆكتەبىردە ئەزالىقى ئەسلىگە كەلدى) ، ئانگولا 2007-يىلى ۋە گابون 1975-يىلى ئەزا بولدى. (1994-يىلى چېكىنىپ چىقتى)

1973-يىلىدىكى تۇنجى نېفىت كىرىزىسى ۋە ئەرەب نېفىت چەكلىمىسى

ئوپېكنىڭ دۇنياۋى تەسىرى 1973-يىلىدىكى «يوم كىپپۇر ئۇرۇشى» جەريانىدا نامايان بولدى. ئوپېكنىڭ ئەرەب ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنى قوللىغان ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە باشقا قوللىغۇچىلارغا نېفىت ئېمبارگوسى (سودا چەكلىمىسى) قويدى. ئۇلار يەنە دەسلەپتە ھەر ئايدا %5 تىن ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نېفىت باھاسى 1974-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە 3 دوللاردىن 12 دوللارغا، يەنى تۆت ھەسسە ئۆرلىدى. 1974-يىلى مارتتا بىكار قىلىنغان بۇ چەكلىمە يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتلەر، غەربتىكى ئىقتىسادىي بېسىم ھەمدە پۇل پاخاللىقى ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىشنى تېزلەتتى.

بۇ ۋەقە، ئوپېكنىڭ چوڭ بىر جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن دېرەك بەردى، نېفىت كونتروللۇقى غەرب شىركەتلىرىدىن ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرگە ئۆتتى ۋە نېفىتنىڭ سىياسىي قورال سۈپىتىدىكى رولىنى گەۋدىلەندۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UAE exits OPEC as oil prices soar amid US-Iran deadlock

1979-يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابى، 1980-يىلى پارتلاپ سەككىز يىل داۋاملاشقان ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسى

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغان ئىراندا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب 1979-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىشىگە ۋە دۇنيادا ۋەھىمە ئىچىدە سېتىۋېلىش دولقۇنىغا سەۋەب بولدى. 1980-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى تەمىنلەشنى تېخىمۇ ئېغىر ئاقسىتىپ قويدى. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، شىمالىي دېڭىز خام نېفىتىنىڭ باھاسى 40 دوللارلىق يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

1983-يىلى نىيۇيورك سودا بىرژىسى (NYMEX) خام نېفىت قەرەللىك مال سودىسىنى باشلىدى. ئوپېك ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى بېكىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە چەكلىك بولدى. 1986-يىلىغا كەلگەندە، نېفىت تەمىناتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئادىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر باھانىڭ  تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. بىر ۋارىل برېنت نېفىت باھاسى 8.75 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. ئوپېك ئاخىرى مۇقىم باھا قۇرۇلمىسىدىن ۋاز كېچىپ، بازار ئۈلۈشىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن باھانى چۈشۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى سىستېمىسىنى تۇرغۇزدى.

ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كوتا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشى تەمىنات ئېشىنچىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى ۋە 1986-يىلى نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى. ئانالىزچىلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەزگىلنى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىنتىزامنى ساقلاشنىڭ قىيىنلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسىتىپ كەلدى. نەتىجىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەمەلىيەتتە «تەڭشىگۈچى ئىشلەپچىقارغۇچى»  سۈپىتىدە رول ئويناپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەڭشىدى.

2008-يىلىدىكى دۇنيا مالىيە كىرىزىسى

 2008-يىلىنىڭ تۇنجى سودا كۈنىدە ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۇنجى قېتىم 100 دوللارلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى. باھا داۋاملىق ئۆرلەپ، ئىيۇلدا 147.27 دوللارلىق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئەمما مالىيە كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەبىدىن باھا تېزلا تۆۋەنلەپ كەتتى. (2008-يىلى ئاخىرىدا 40 دوللاردىن تۆۋەن بولدى) ئوپېك بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كەسكىن قىسقارتىش بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Saudi Arabia, UAE back OPEC cuts as US warns of 'uncertainty'

2014–2016-يىللىرىدىكى سلانېتس (shale) نېفىت كىرىزىسى

 بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ سلانېتس نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى بازارنى قاپلاپ، نېفىت باھاسىنىڭ %70تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باھا 2014-يىلىدىكى 100 دوللاردىن ئارتۇق چەكتىن 2016-يىلىنىڭ بېشىدىكى 27 دوللارلىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. ئوپېك دەسلەپتە تەننەرخى يۇقىرى سلانېتس نېفىتىغا قارشى بازار ئۈلۈشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىشنى رەت قىلغان ئىدى.

2016-يىلى «ئوپېك گۇرۇپپىسى» (OPEC+) نىڭ قۇرۇلۇشى

ئوپېك يۇقىرىقى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، 2008-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىشقا قوشۇلدى. بۇ، ئوپېكقا ئەزا بولمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك «ئوپېك گۇرۇپپىسى» (OPEC+) كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ كېلىشىم بازارنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە باھانى يۆلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بولغان ھەمكارلىق دەۋرىنى باشلىدى.

2026-يىلى — ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن كېلىپ چىققان يېڭى كىرىزىس

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - OPEC+ weighs symbolic output increase amid Iran war disruptions

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2026-يىلى 28-ئاپرېل 60 يىلغا يېقىن ئەزا بولغان ئوپېك ۋە تېخىمۇ كەڭ بولغان ئوپېك گۇرۇپپىسى» (OPEC+) دىن 2026-يىلى 1-مايدىن باشلاپ  ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قارار، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇھىم نۇقتىلار، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بازارنىڭ تەۋرىنىشى ھەمدە ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنېرگىيە ئاقساپ قېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە تېخىمۇ جانلىق ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىنغان دەپ كۆرسىتىلدى. ئوپېكنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى رايون توقۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن تەمىنلەش جىددىي بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گۇرۇپپىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىقتىدارىغا بېرىلگەن ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدۇ. بىر چاغلاردا بازارنى «كونترول قىلىش» نىڭ سىمۋولى بولغان بۇ تەشكىلات ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ چوڭ خىرىس — ئۆز-ئۆزىنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
سۈرىيە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
ترامپ باش ئەلچىلەرنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنىڭ 111 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئىران پاكىستاندىكى سۆھبەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى