ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە ۋەدە بەردى.
فون دېر لېيېن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت ۋە ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىراننىڭ قىلمىشلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتەرمەكتە. قاتناش ئەركىنلىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»
بۇ باياناتلار فون دېر لېيېننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئىككى رەھبەر يەنە يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئەنگلىيە باشلىقلار يىغىنىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. فون دېر لېيېن بۇ باشلىقلار يىغىنىنى «ئالدىنقى يىلقى ۋەدىلەرنى ئورۇنداش ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر پەيت» دەپ تەسۋىرلىدى.
كىرىزىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى:
ھورمۇز بوغۇزى قاتنىشى 28-فېۋرالدا باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش مەقسىتىدە، ئىراننىڭ سۇ يولىنى تارايتىش ھەرىكىتى بىلەن مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئاقساپ قالماقتا.
ئادەتتە، كۈنىگە 20 مىليون ۋارىل نېفىت، يەنى دۇنيا نېفىت تەمىناتىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ. بوغۇزنىڭ تاقىلىشى دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە، پاراخوت يوللىرىنىڭ مۇقىمسىزلىنىشىغا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي زىياندىن ئەندىشە قىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.












