سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
تېھران ئەگەر ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمى يەنە ئىككى-ئۈچ كۈن داۋاملاشسا، «كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار» نى باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
كۇۋەيت بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە سۇ تازىلاش زاۋۇتىنىڭ، ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەت: ئا ف پ. / AFP

ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى يەتتىنچى كېچە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئىران ئامېرىكانىڭ بومباردىمانىدا ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئىيوردانىيەدىكى بىر قانچە ئامېرىكا ھەربىي ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى شەنبە (2026-يىلى 18-ئىيۇل) كۈنى ئەتىگەندە، «ئامېرىكانىڭ ئالدامچى ئىستىخبارات ئورگانلىرى» نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىككى نېفىت پاراخوتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدا مىناغا سوقۇلۇپ پارتلىغانلىقىنى ئېيتتى، ئامېرىكا بۇنى دەرھال رەت قىلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ بۇ مۇھىم دېڭىز يولىدىن ئۆتمەكچى بولغان تۆت پاراخوتنى «توسقانلىقى» نى دەپ خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئېكس (X) بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قىسىملىرى ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاجىزلىتىش» ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش قايتا باشلانغاندىن بۇيان ۋەزىيەتنىڭ قايتىدىن جىددىيلىشىشى جەريانىدا، ئىران ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى ۋە كۆۋرۈك قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەرنى بومباردىمان قىلدى ئەيىبلىدى ۋە رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ئىراننىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما جۈمە (17-ئىيۇل) كۈنى ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇنى باشلىغانلىقىنى دەلىللىمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UN deems strikes on civilian infrastructure 'unacceptable' amid US-Iran escalation

ئىراننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

ئىران ئالىي رەھبىرىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنېرال مۇھسىن رەزائى تېھراننىڭ ئەگەر ئامېرىكا ھۇجۇمى يەنە ئىككى ياكى ئۈچ كۈن داۋاملاشسا، «كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار» نى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئىراننىڭ ئىرىب (IRIB) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رەزائى: «ئىران ئەمدى ئۆزىنى پەقەت ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك، تەڭ جاۋاب قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىمەيدۇ... بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق سىياسىي چېگرا بىخەتەر بولمايدۇ» دېگەن.

ئىران ئۇرۇش 28-فېۋرال (2026) ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئىران بۇنىڭغا جاۋابەن دۇنيادىكى نېفىت توشۇشنىڭ مۇھىم قانىلى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغان ئىدى.

ئىراننىڭ ئىرانا (IRNA) ئاگېنتلىقى شەنبە (18-ئىيۇل) كۈنى ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىدا، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇزگان ئۆلكىسىدە ئۈچ ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، سەككىز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىران ئارمىيەسى ئامېرىكا ھۇجۇمىغا جاۋابەن كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيتتە، ئىران قىسىملىرى ئەل-ئادىرى (Al-Adiri) لاگېرىدىكى بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتىنى، ئەلى ئەل-سالىم (Ali Al-Salem) بازىسىدىكى ئىشتاب بىنالىرى ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى ھەمدە بىر قانچە ئالاقە كۆۋرۈكلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئىيوردانىيەدە ئەل-ئەزراق (Al-Azraq) بازىسىدىكى يېقىلغۇ ئاپتوموبىللىرىمۇ نىشانغا ئېلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran rains missiles on 'US military bases' in six Arab countries

«تاجاۋۇزچىنى جازالاش»

ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ئامېرىكانىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئېلېكتر تورىنىڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا پۇقرالارنى توك ئىشلىتىشنى ئازايتىشقا ۋە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسىمۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى ئۆچۈرۈشكە چاقىردى.

ئىران ئارمىيەسى ئەگەر ئۆزى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، رايوندىكى پۇقرالار ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىمىز دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. جۈمە (17-ئىيۇل) كۈنى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىشنى باشلىدى. كۇۋەيت ئېنېرگىيە ۋازارىتى ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە سۇ تازىلاش زاۋۇتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئابونتلارنى ئېلېكتر تېجەشكە چاقىردى.

كۇۋەيت ئارمىيەسى ئىراننىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا بىر قانچە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى «تاجاۋۇزچىنى جازالاش» ئۈچۈن قاتاردىكى ئامېرىكا رادار سىستېمىسى ۋە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دوھا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يەنە ئامېرىكا ئوماندىكى ئىككى رادار سىستېمىسىغا ۋە سۈرىيەدىكى ئەل-تانف (Al-Tanf) ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  سۈرىيە بۇنى رەت قىلدى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇ يىل (2026) نىڭ بېشىدا ئۇ بازىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان ئاز دېگەندە 38 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋاسىتىچىلەر ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشماقتا. خىتاي ۋە پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى ئۇرۇشنى توختىتىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىران پورتلىرىغا قاراتقان قامالنى قايتا يولغا قويدى. ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا.

ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتى ئاگېنتلىقى جۈمە (17-ئىيۇل) كۈنى بىر نېفىت پاراخوتىنىڭ ئومان قىرغىقىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى