دۆلەت ئېلان قىلغان ياردەم ۋە سانائەت ساھەسىنىڭ مەبلەغلىرى، پاكىز ئاپتوموبىل تېخنىكىلىرىنى، ئاپتونوم ھەرىكەتچانلىق لايىھەلىرىنى ۋە سۈنئىي ئىقتىدالارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئەنگىلىيە دۆلەت ياردىمى بىلەن سانائەت مەبلىغىنى تەڭپۈڭلاشتۇرۇپ، نۆل ئېمىسسىيەلىك ئاپتوموبىل تېخنىكىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تەخمىنەن 130 مىلىيون سىتېرلىڭ (175 مىلىيون دوللار) قىممىتىدە بىر فوند ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
نۆل ئېمىسسىيەلىك تېخنىكىلارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، تەخمىنەن 50 مىلىيون سىتېرلىڭ (67.4 مىلىيون دوللار) قىممىتىدىكى دۆلەت فوندى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ۋە تەتقىقات شېرىكلىرىگە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا 17 مىلىيون سىتېرلىڭ (23 مىلىيون دوللار) قىممىتىدىكى فوند بولسا سېنسورلار، ئېلېكترونلۇق تورمۇز سىستېمىلىرى ۋە سۈنئىي ئىقتىدارلارغا ئوخشاش تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دانە ئۇلانمىلىق ۋە ئاپتونوم ھەرىكەتچانلىق لايىھەسىنى قوللايدۇ.
سانائەت مىنىستىرى بلائىر ماكدوگال باياناتىدا: «ئەنگىلىيە زامانىۋى ئاپتوموبىل سەنائىتىنى ئىجاد قىلغان ئىدى، يېڭى ئاۋلات ئاپتوموبىللارنىڭمۇ بۇ يەردە لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە كەلدۇق» دېدى.
ئەنگىلىيە 2030-يىلى پەقەت بېنزىن ياكى دىزېل بىلەن ئىشلەيدىغان يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغاندىن باشقا، 2035-يىلىغىچە بارلىق يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ نۆل ئېمىسسىيەلىك بولۇشىنى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرمەكچى.

















