مېكسىكانىڭ سىنالوئا ئىشتاتى ئاممىۋى خەۋپسىزلىك كاتىبات باشقارمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، مازاتلان شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلارنى يوقلىما قىلىش ۋاقتىدا ئىسيان كۆتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسياندا 9 مەھبۇس ۋە بىر مەھبۇس يېقىنىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، يارىلانغان 16 مەھبۇسنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىسيان جەريانىدا مەھبۇسلارنىڭ ئوق چىقىرىدىغان قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
مېكسىكا فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى مىللىي مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ۋە 1800 مەھبۇس بار تۈرمىدە ۋەزىيەتنىڭ «كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئادەتتە سىغىمىدىن ئارتۇق مەھبۇس قامالغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان مېكسىكا تۈرمىلىرىدە، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


















