ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ «س - 300» (S-300) تىپلىق بومبا نۇسخىلىرى، «GAM-67» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، مۇساپىسى ئۇزارتىلغان لازېر نۇرلۇق ھاۋا مۇداپىئە راكېتا سىستېمىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى رادالارنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ زاپچاسلار، يۇمشاق دېتال، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ياردىمى بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇش، تېخنىكا ۋە ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتىكى قوللاش مۇلازىمەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مەزكۇر سېتىپ بېرىشنىڭ رايوندىكى ئاساسلىق ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، سېتىپ بېرىشنى ئىجرا قىلغۇچى ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان رىقابەت خاراكتېرلىك خېرىدار چاقىرىش مۇساپىسىدىن كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.






















