ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى قىسىملىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىپ بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىر ئاممىۋىي پاراخوت خادىمىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، پاراخوتنىڭ بولسا ئىچىدىكى ئوت كېتىش ۋە ماتور ئۆيىدىكى ئېغىر ۋەيرانچىلىق سەۋەبىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى» بىلدۈردى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى پاراخوتقا «ئاشكارا» ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئىرانغا قارىتىپ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھۇجۇملار پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى 16-ئىيۇندا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرانغا، ئىلگىرى سودا پاراخوتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھېساب سورالغاندىن كېيىن، ئۆزئارا چۈشىنىش كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىلگەن ئىدى، ئەمما يەنە مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراننىڭ بوغۇزدىن ئەركىن ئۆتۈۋاتقان ئاممىۋى دېڭىزچىلارغا ۋە سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېغىر بەدەل تۆلىتىۋاتىدۇ»
پارتلاشلار نۇرغۇن پورت شەھەرلىرىنى زىلزىلىگە سالدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇسى IRIB، ئىراننىڭ جەنۇبىدا تېخىمۇ كۆپ پارتلاشلارنىڭ مەلۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەندەر ئابباس ۋە سىرىك پورت شەھەرلىرىدە ئۈچ قېتىمدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى جزمەنلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
چاباھار پورت شەھىرىدە ئىككى، بۇشەھر ئۆلكىسىدىكى بەندەر-ئې دەير شەھىرىدە بولسا بەش پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنىڭدىن باشقا بۇشەھر ئۆلكىسىدىكى ئاسالۇيە شەھىرىدىمۇ تۆت پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دېڭىزچىلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرى
ئىلگىرى ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتلىرى ئىدارىسى ئومان قىرغاقلىرىنىڭ تەخمىنەن 9 دېڭىز مىلى (16 كىلومېتىر) يېراقلىقتا بىر ۋەقەگە ئائىت دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
ئورگاننىڭ باياناتىدا: «ھەربىي مەسئۇللار، بىر كونتېينېر پاراخوتىنىڭ كەينى قىسمىدا ۋەيرانچىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ پاراخوتتا ئوت ئاپىت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. «پاراخوتلارنىڭ دىققەت بىلەن يول يۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، بوغۇزدىكى بىر پاراخوتقا قارىتىلغان ئىران ھۇجۇمىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئىرانغا قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىنى باشلانغانلىقىنى جاكارلىشىدىن دەرھال كېيىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.




















