خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىف تۇيۇقسىزلا موسكۋاغا باردى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىفنىڭ ئالدىن ئېلان قىلىنمىغان بىر زىيارەت دائىرىسىدە يېرىم كېچىدە موسكۋاغا بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەزكۇر ئىدارە بۇ ھەقتە تېخى بايانات بەرمىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىف تۇيۇقسىزلا موسكۋاغا باردى
CIA دىرېكتورى جون راتكلىفنىڭ كېچىدە موسكۋاغا ئۇچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدار CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) باشلىقى جون رەتكىلىفنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە موسكۋاغا «ئالدىن خەۋەر قىلىنمىغان زىيارەت» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمەلدار رەتكىلىفنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزىدىغان يىغىنلىرىنىڭ مەزمۇنى ياكى مۇزاكىرە قىلىش پىلانلانغان تېمىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

CNN  نىڭ خەۋىرىدە: «بۇ رەتكىلىفنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە موسكۋاغا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان تۇنجى سەپىرىدۇر. زىيارەت رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرى توختاپ قالغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتە تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئۇچۇر بېرىشتىن «ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى»نى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى موسكۋاغا قوندى

ئۇچۇش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىدىغان «Flightradar24» تور بېكىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ «بوئىن C-17 Globemaster III» تىپلىق ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى بۈگۈن ئەتىگەن موسكۋادىكى ۋنۇكوۋو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغان.

تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلاردا ئايروپىلاننىڭ مېرىلاند ئىشتاتىدىكى ئاندرېۋس بىرلەشمە ھەربىي بازىسىدىن ئۇچقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ