خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىگە دائىر بىرەر ئىشارەت كۆرمىدى.
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرېدرىخ مېرتس رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىگە دائىر تۈززۈككىنە بىر ئىشارەت كۆرمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مېرتس گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئامېرىكادىن كەلگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇكرائىنادا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھازىرچە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىگە دائىر تۈززۈككىنە بىر ئىشارەت كۆرمىدۇق» دېدى.

مېرتس قولىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، بۇ مەسىلىدە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى سۆھبەت، مۇزاكىرە ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىگە قارىتىلغان بارلىق تەلەپلەرگە ئارقىنى قىلىۋالغان پەيتتە، ھازىرچە بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش پۇرسىتىنى نىسبەتەن تۆۋەن دەپ قارايمەن» دېدى.

مېرتس دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ھەر بىر ئىشنىڭ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەمەس، بەلكى ئاخىرلىشىشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن مېرتس گېرمانىيەنىڭ ساكسونىيە-ئەنخالت ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتات مەجلىسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىنى چەكلەشنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنداق چەكلەش جەريانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا گۇمانى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مېرتس «بۇ پارتىيەنى چەكلەش ئارقىلىق مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ قارىمايمەن» دېدى ۋە بۇ يەردە «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن كۈرەش قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە «كىمكى گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىدىن گۇمانلانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن، ياۋرودىن ۋە شېنگېن رايونىدىن چىقىشنى خالىسا، دۆلىتىمىزنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ» دېدى.

مېرتس شۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىدىكى بىردىنبىر سەۋەب رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا تەييار ئەمەسلىكى»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستامۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىدىكى بىردىنبىر سەۋەب رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا تەييار ئەمەسلىكى» دېدى.

كوستا رۇسىيەنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، ئۇرۇش توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا ۋە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق مۇزاكىرە تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «تىنچلىقنىڭ ۋاقتى كەلدى، رۇسىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى.

كوستا تىنچلىقنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى؛ كىيېۋدا كەم دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 10 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ملادىچنىڭ «ئۇلۇغلىنىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى