ئۇچرىشىشقا سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ھەمدە تۈركىيەنىڭ تاشكەنت باش ئەلچىسى ئۇفۇق ئۇلۇتاشمۇ قاتناشتى.
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز NSosyal ھېسابىدا ئۇچرىشىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئۇچرىشىشىمىزدا تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىز، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمىز، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىز ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رامكىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورتاق خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۆتكەن ئايدا جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھۆرمەتلىك مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان سودا دۇنياسىنى قوللاشقا دائىر يۇقىرى دەرىجىلىك كېڭەشنىڭ، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتقا، شەخسىمگە ۋە ھەيئىتىمىزگە كۆرسەتكەن قىزغىن مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇچرىشىشىمىزدا ھازىر بولغان ۋە كېڭەشنىڭ تەڭ رەئىسلىكىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھۆرمەتلىك سائىدە مىرزىيويېۋاغا ھەمكارلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.»






















