خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر جەسەتنى تاپقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 61 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ تالاپەتلەر «سائۇدېل» ناملىق تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىللىرىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سۈيچۇەن ناھىيەسىدىكى ئۈچ يېزا-بازاردا كۆرۈلگەن.
خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گاۋپىڭ بازىرىدىكى لاي-پاتقاقلىق كۆچۈش ۋەقەسىدە 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. زۇئەن بازىرىدا ئىككى كىشى، تاڭخۇ كەنتىدە بولسا بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى سۈيچۇەن ناھىيەسىدە 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاپەت سەۋەبىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە، قوشنا خۇنەن ئۆلكىسىدىمۇ مەزكۇر تەيفېڭ بورىنى ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر سەۋەبىدىن ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. «سائۇدېل» تەيفېڭ بورىنى 28-ئاۋغۇست جېجياڭ ئۆلكىسىگە، 3-سېنتەبىر بولسا فۇجيەن ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.


















