نوۋاك موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى پائالىيىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، دىزېل يېقىلغۇسىنى ئامېرىكاغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن توختام ئىمزالاش، يېقىلغۇنى پاراخوتقا قاچىلاش، پاراخوت ئىجارىگە ئېلىش ۋە ئۇنى سېتىۋالغۇچىغا ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ جەريانلارنىڭ جەمئىي 2–3 ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا كېلىشىملەرنى تېزرەك ئىمزالاش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
نوۋاك: «شىركەتلىرىمىز خالىغان ۋاقىتتا توشۇشنى باشلاشقا تەييار. ھازىر سودا شەرتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ رۇسىيە دىزېل يېقىلغۇسىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكاغا سېتىلىدىغان يېقىلغۇنىڭ باھاسى بازار شارائىتى بويىچە بېكىتىلەمدۇ ياكى ئېتىبارلىق باھا قوللىنىلامدۇ، دېگەن سوئالغا نوۋاك: «بۇ سودا مۇزاكىرىسىنىڭ تېمىسى» دەپ جاۋاب بەردى.




















