پېسكوف ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە دائىر تەپسىلاتلارنى ھەمبەھىرلىدى.
تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدۆستلىقى (MDH) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا پۇتىننىڭ ئىران پرېزىدېنتى مەسئۇد پېزەشكىيان بىلەن 2 قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پېسكوف، بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ بىرىدە پۇتىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا پېزەشكىيانغا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پېسكوف: «پۇتىن ئىران پرېزىدېنتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىران تەرەپنىڭ ئېھتىماللىق ئىچىدىكى ھەل قىلىش چارىسىگە دائىر قارىشىنى ترامپقا يەتكۈزدى» دېدى.
پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىنى چۈشىنىش بىلەن قارشى ئالدى.
تېلېفون سۆھبىتىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھاكمە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېسكوف: «سۆھبەت جەريانىدا روسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتىلغان قەدەملەرگە دائىر بەزى تەكلىپلىرىنى چۈشىنىش بىلەن قارشى ئالدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
پېسكوف يەنە، ترامپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سۆھبەتتە ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىگە ئاجرىتىلغانلىقىنى ۋە رەھبەرلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ روسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ «ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «روسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە يەرشارىۋى بازارغا 300 مىڭ توننىدىن ئارتۇق، نويابىر ئېيى مابەينىدە قوشۇمچە 500 مىڭ توننا ۋە ئارقىدىنلا 1 مىليون توننا دىزېل يېقىلغۇسى تەمىنلىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.
ترامپ يەنە روسىيەنىڭ بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا دىزېل زاۋۇتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە يېقىن كەلگۈسىدە 3 مىليون توننا دىزېل يېقىلغۇسىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.





















