خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىر شىركەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئىشتىن توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
ئارخىپ سۈرىتى: رەسىمدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ لوگوسى ۋە ئامېرىكا بايرىقى كۆرسىتىلگەن

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خاككېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن «Integrity Technology Group» شىركىتى ئۈچۈن ئىشلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە تور ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

بۇ گۇرۇپپا تور سىستېمىلىرىنى سىكاننېرلاش ۋە ئالدامچىلىق ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە «Microscan» ۋە «FishHub» ناملىق قوراللارنى ئىشلەتكەن. بۇ قوراللار ئارقىلىق ئامېرىكا، ياپونىيە، پولشا ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جېيسون بىلنوسكى، تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مالىيە مەنبەلىرى ۋە قوراللىرىنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2025-يىلى «نۇرغۇن تور ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگەن سەۋەب بىلەن بېيجىڭغا جايلاشقان «Integrity Technology Group» شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ شىركەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە سىڭىپ كىرىش ۋە ئۇلارغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، مارتتا شىركەتكە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى