خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۇيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىرىدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۈيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىران فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۇيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىرىدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۈيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. / Anadolu Agency (Wire)

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارىژنىڭ ئىرانغا تەۋە بىر تور ئۇرۇشى قىسمىنىڭ فىرانسىيە تاللا بازارلىرىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىدىن كېيىن، فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۈيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىببى بۇ دەۋالارنى «بىمەنىلىك» دەپ سۈپەتلەپ، ئىسرائىلىيەنى ياۋروپادا تېھرانغا قارشى دۈشمەنلىكنى كۈشكۈرتۈش ۋە قىتئە مىقياسىدا قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇنداق دەۋالارنى توقۇپ چىقىش بىلەن ئەيىبلىدى.

مۇھىببى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پارىژ دائىرلىرى زىيونىست ھاكىمىيەتنىڭ ساختا بايراق تۇزىقىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك» دېدى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋنىڭ ئەكسىچە، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاللا بازارلىرىغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق

دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ تور ھۇجۇمىنى رەسمىي ھالدا ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە تور مۇداپىئە قوماندانلىقى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان «شەھىد كاۋەھ» ناملىق ئالاھىدە بىر قىسىمغا ئارتقان ئىدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماسلاشقان بۇ ھۇجۇملار 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگە ئۆتىدىغان كېچىدە 700 دىن ئارتۇق پارچە سېتىش تاللا بازىرى تارماقلىرىدىكى سانائەت سوۋۇتۇش كونترول مېخانىزملىرىنى نىشان قىلغان. فىرانسىيە ئەمەلدارلىرى بۇ مۇداخىلىنىڭ زور ماددىي زىيانغا، يەرلىك ئوت ئاپەتلىرىگە ۋە ئون مىليونلىغان ياۋرو قىممىتىدىكى يېمەكلىك زاپىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭغا قارىتا پارىژ ئىران باش ئەلچىسىنى رەسمىي چاقىرتىشنى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىق ئىرانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئورگانلارغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇمچە ئېمبارگولىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ دەۋالىرىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز دەپ رەت قىلدى ۋە تېھراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قانۇنسىز چەت ئەل ھەرىكەتلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى