ئامېرىكا غەربىي يېرىم شار قوشما ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى، كارىب دېڭىزىدا مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلدىئ ھۇجۇم ئادەم ئۆلۈش بىلەن نەتىجىلەندى. ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى ھۇجۇمدا «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى» دەپ قارالغان تۆت كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى شەنبە كۈنى X تىكى باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ ئۆز قوماندانلىقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاخباراتنىڭ مەزكۇر كېمىنىڭ ئاكتىپ ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «19-سېنتەبىردە، ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن غەربىي يېرىم شار قوشما ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى، كارىب دېڭىزىدىكى مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك بىر كېمىگە ئادەم ئۆلۈش بىلەن ئاخىرلاشقان نۇقتىلىق ھۇجۇم ئېلىپ باردى» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە: «ھەرىكەتتە تۆت نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
بۇ ھۇجۇم ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىلىرى» دەپ تەسۋىرلىگەن كىشىلەرنى نىشان قىلغان ۋە ئۆتكەن يىلى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولدى.
شەنبە كۈنىدىكى بۇ بايانات، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەنە كارىب دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان ۋە ئۈچ كىشى قازا قىلغان ئالدىنقى قېتىمقى ھۇجۇمىدىن 10 كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى كېمىلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 220 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى.






















