يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق تائىز فىرونتى ئاخبارات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ۋازىييە ناھىيەسىدە ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ھۇسىيلارغا ئائىت 6 ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە 2 تانكىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ قۇرۇقلۇقتىكى قىسىملارنى قوللاش مەقسىتىدە ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى ۋە مۇھىم ھەربىي نۇقتىلىرىنى نىشان قىلغان. توقۇنۇشلار ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 30 ھۇسىي ئۆلگەن، 60 قا يېقىن ھۇسىي يارالانغان.
يەمەندە ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان قايتا ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان توقۇنۇشلار جەريانىدا، ھۇسىيلار قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلارنى ۋە بابۇلمەندەب بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى. يەمەن ئارمىيەسى يېقىنقى مەزگىللەردە ھۇسىيلارنىڭ بازىلىرىغا بولغان ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.





















