خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
پېنتاگون ياۋروپادا تۇرۇشلۇق كەم دېگەندە 25 مىڭ، ھەتتا 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا. ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈشتە بەزى قىسىملارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتىغا يۆتكەش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، رۇمىنىيەنىڭ مىخائىل كوگالنىچېئانۇ رايونىدىكى مىخائىل كوگالنىچېئانۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، بىر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى كىچىك چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە. (AP)

«NBC News»  قانىلىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار ھازىرقى ۋە سابىق ئامېرىكالىق ۋە غەربلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، پېنتاگون ياۋروپادىكى كەم دېگەندە 25 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى، ھەتتا بۇ ساننى 40 مىڭغىچە كۆپەيتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

بۇ قەدەم ھازىر ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تەخمىنەن 80 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانىنى %31، ھەتتا يېرىمىغىچە قىسقارتىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىدى. مەزكۇر تاللاشلار پېنتاگون داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باھالاش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

پېنتاگون ئەسكەر سانى ۋە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە

ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك تاللاشلار بىلەن بىرگە، بەزى قىسىملارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ شەرقىي قانىتىغا يۆتكەش مۇمكىنچىلىكىمۇ باھالانماقتا.

ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، شۇنداقلا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان گېنېرال ئالېكسۇس گرىنكېۋىچنىڭ جۈمە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېتكە دەسلەپكى باھالاش دوكلاتىنى سۇنۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«NBC News»  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېگسېتنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ھەر قانداق تەكلىپ سۇنۇلۇشتىن ئىلگىرى، 6-نويابىر ئاخىرقى تەۋسىيەنى تاپشۇرۇۋېلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈش ترامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى ناتو دائىرىسىدىكى ئەنئەنىۋى مۇداپىئەدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىيۇن ئېيىدا باشلانغان ئىدى.

«رېيتېر» ئاگېنتلىقى تەكشۈرگەن پېنتاگون ھۆججەتلىرىدە، بۇ مۇساپىنىڭ 6-نويابىرغىچە ھېگسېتكە سۇنۇش ئۈچۈن كەم دېگەندە تۆت خىل قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش تاللىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىتتىپاقداشلار مۇمكىن بولغان چېكىنىشتىن ئەندىشە قىلماقتا

بۇنداق زور كۆلەملىك قىسقارتىش مۇمكىنچىلىكى بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. ئۇلار تېز سۈرئەتتە قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ناتونىڭ رۇسىيەنى توسۇپ قېلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىن شاھىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشكە تولۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك ۋە بىخەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكشۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«NBC News»  يەنە بۇ تەكشۈرۈش توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن پېنتاگون ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، پېنتاگون ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىغا مۇمكىن بولغان زور كۆلەملىك قىسقارتىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تەييارلانغاندىن كېيىن، رۇبىيو ئىيۇن ئېيىدا بۇ ئىشقا ئارىلاشقان.

بۇ تەكشۈرۈش تەكلىپ قىلىنغان بارلىق قىسقارتىشلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

پېنتاگون ۋاشىنگتوننىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىنى تەڭشەش ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلارنى قىتئەنىڭ مۇداپىئەسىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تاللاشلارنى تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە
ياپونىيەنىڭ «يەر شارى لاچىنى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ياپون دېڭىزىدا يوقاپ كەتتى
ئىران ئۇرۇشتىن كېيىنكى سېنارىيەلەر ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە تەييارلىقلىرى بۇيرۇقى چۈشۈردى
دانىيە ھەربىي تىك ئۇچارىغا رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى