تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
تەكشۈرۈشتە PlayStation ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىگە ماس كېلىدىغان رەقەملىك ئويۇنلار ۋە ئويۇن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق سېتىلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ رىقابەتكە تەسىر كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ.
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
Rekabet Kurumu / Anadolu Agency (Wire)

تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى PlayStation ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىگە ماس كېلىدىغان رەقەملىك ئويۇنلار ۋە ئويۇن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى تارقىتىش ھەم سېتىش مەسىلىسىدە سونىي شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى.

بۇ تەكشۈرۈشتە  Sony Interactive Entertainment Inc.، Sony Interactive Entertainment Europe، Sony Interactive Entertainment Network Europe Limited ۋە Sony Eurasia Pazarlama A.Ş. دىن تەركىب تاپقان، ئومۇملاشتۇرۇپ «سونىي» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ رىقابەتچىلەرنى چەتكە قاقىدىغان ياكى ئېكسپىلاتاتسىيە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى تېڭىش ئارقىلىق «رىقابەتنى قوغداش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسەت قىلىنىدۇ.

رىقابەت ئىدارىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، تەكشۈرۈش رىقابەت كېڭىشىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى 26-38/1023-M نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن باشلانغان.

ئىدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سونىي PlayStation ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدىغان رەقەملىك ئويۇنلار ۋە ئويۇن ئىچىدىكى مەزمۇنلار پەقەت شىركەتكە تەۋە PlayStation Store ئارقىلىقلا تارقىتىلىپ سېتىلىدىكەن.

تەكشۈرگۈچىلەر PlayStation Store دىكى سېتىشتىن ئېلىنىدىغان ۋاسىتىچىلىك ھەققىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ دىسكا قاتارلىق ماددىي نۇسخىلىرىدىن قىممەت سېتىلىشىغا سەۋەب بولغان-بولمىغانلىقىنى باھالايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، سونىينىڭ رەقەملىك ئويۇنلار ۋە ئويۇن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق سېتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، رىقابەتچىلىرىنى بازاردىن سىقىپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئويۇن ئىجادكارلىرى ۋە نەشر قىلغۇچىلارنىڭ ئىستېمالچىلارغا باشقا سېتىۋېلىش يوللىرى ھەم ئەرزانراق تاللاشلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى چەكلىگەن-چەكلىمىگەنلىكىمۇ ئېنىقلىنىدۇ.

تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىشى سونىينىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى
تىرامپ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۆز ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمۇ؟
JD ۋېنس: تىرامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «تۈگىمەس بىر ئۇرۇشقا» ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ
جېفرېي ئېپشتېين ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
نىگېرىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتىلىك ھەرىكەتتە گۆرۈگە ئېلىنغان 125 كىشىنى قۇتقۇزدى
رۇسىيە بىر كېچىدە 1300 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۆت دۆلەت ئىسرائىلىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
ئېستونىيە رۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى 1-دېكابىردىن باشلاپ تاقايدۇ
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئۈچىنچى بىر ئاۋىياماتكا ۋەزىپە گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى
خاقان فىدان «رايونلار ئارا باغلىنىشچانلىق ۋە قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى يىغىنلىرى» غا قاتنىشىدۇ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 16 - نويابىر دۈشەنبە
تۈركىيە ۋە 17 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى