تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى 6-ماي چارشەنبە پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلدى.
تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فايسال بىن فەرھان ئەل سەئۇد تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىنىستىر خاقان فىدان ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك رامكا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ھەمدە غەززە باشتا بولۇپ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ كېڭىشىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر فىدان، ئالاقىدار مىنىستىرلىقلار ۋە ئورگانلارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سودا، ئېنېرگىيە، مۇداپىئە، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە قاتناش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى كومىتېت خىزمەتلىرىگە باھا بەرگەنلىكىنى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئورگان خاراكتېرلىك بىر رامكا ئاستىدا مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ، غەززە باشتا بولۇپ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىن دائىرىسىدە، «دىپلوماتىك ۋە ئالاھىدە پاسپورت ئىگىلىرىنى ۋىزىدىن ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىم»نىمۇ ئىمزالىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان بۇ كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى ھەمدە فايسال بىن فەرھان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا زىيارىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىران پاراخوتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن باشلاشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ب د ت دوكلاتچىسى 'ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيەلىشىشى' گە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەر سانىنى «5000 دىنمۇ كۆپ» ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى
رۇسىيەنىڭ خېرسونغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلدى
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قۇددۇستىكى كاتېدرالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى نارازىلىق قوزغىدى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ راھىبىگە قىلغان "نومۇسسىزلارچە" ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ترامپ: ئىراننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايمەن
ئەزەربەيجان ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتتى
ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئىران ئامېرىكادا ئۇرۇش ھوقۇقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا 2 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئاسىيا رەھبەرلىرى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى