ئامېرىكانىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ توكىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىسكونسىنغا قاراشلىق ۋىننېباگو رايونىدا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مېناشا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مات ئالبىرىخت، بىر قىسىم ئۆيلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دائىرىلەر بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىشتات ئەمەلدارى گوردون ھىنتز، بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەلۇم قىلىنمىغانلىقىنى، توكنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.



















