خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋانس: «پاكىستاندىكى 21 سائەتلىك مارافونچە سۆھبەتتىن ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى چىقمىدى»
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس «ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ياخشى تەكلىپ» دەپ تەسۋىرلىگەن تەكلىپىنى سۇنغانلىقلىرىنى، ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يادرو پىلانىغا ئائىت شەرتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋانس: «پاكىستاندىكى 21 سائەتلىك مارافونچە سۆھبەتتىن ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى چىقمىدى»
ۋانس: «پاكىستاندىكى 21 سائەتلىك مارافونچە سۆھبەتتىن ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى چىقمىدى» / AP
2026-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، ئىسلام ئابادتىكى مارافونچە مۇزاكىرەلەردىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ «ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ياخشى تەكلىپى» نى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستاننىڭ پايتەختىدە تەخمىنەن 21 سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن سۆز قىلغان ۋانس، ئامېرىكانىڭ تەكلىپىنى باھالاپ كۆرۈشى ئۈچۈن ئىرانغا يەنىلا ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۇ يەردىن ئىنتايىن ئاددىي بىر تەكلىپ بىلەن ئايرىلىۋاتىمىز، بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ياخشى تەكلىپىمىز بولغان بىر خىل بىرلىككە كېلىش ئۇسۇلىدۇر. ئىرانلىقلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىش-قىلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

ۋانس ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تاللىغانلىقىنى، مۇزاكىرەلەرنىڭ تېخى قانائەتلىنەرلىك بىر نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.  

ئىراننىڭ يادرو قورالىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشمايدىغانلىقىغا دائىر بىر ۋەدە بېرىشى كېرەكلىكى تەرەپكە ئىشارەت قىلغان ۋانس: «تېخى بۇنى كۆرمىدۇق. كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ۋانس ئاساسلىق ئىختىلاپ مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كاپالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «ئاددىي ھەقىقەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ يادرو قورالى ئىزدىنىش يولىغا كىرمەيدىغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يادرو قورالىغا ئېرىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشمايدىغانلىقىغا دائىر ئېنىق بىر ۋەدىنى كۆرىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىران «ھەددىدىن زىيادە» تەلەپلەرنى رەت قىلدى.  ئىران سۆھبەتنىڭ پەقەت «ھەددىدىن زىيادە» ۋە «قانۇنسىز» دەپ تەسۋىرلىگەن تەلەپلىرىدىن ۋاشىنگتون ۋاز كەچكەن تەقدىردىلا غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقائى، ئىلگىرىلەش بولۇشىنىڭ ئامېرىكانىڭ «ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىيلىك» كۆرسىتىشىگە ھەمدە ئىراننىڭ «قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى» ئېتىراپ قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

بەقائى: «بۇ دىپلوماتىك مۇساپىنىڭ غەلىبىسى قارشى تەرەپنىڭ ئەستايىدىللىقىغا، سەمىمىيلىكىگە، ھەددىدىن زىيادە ۋە قانۇنسىز تەلەپلەردىن ساقلىنىشىغا ھەمدە ئىراننىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىقتۇر» دېدى.

بەقائى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ۋە تۈزۈلمە تېكىست ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

سۆھبەتتە ھورمۇز بوغۇزى، ئىراننىڭ يادرو پىلانى، ئۇرۇش تۆلىمى، ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ۋە «ئىرانغا ھەمدە رايونغا قاراتقان ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇش» تېمىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

بەقائى يەنە ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ «سەمىمىيەتسىزلىكىنى» ۋە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماسلىق تارىخىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Third round of US-Iran talks in Islamabad concludes, another round to resume on Sunday
ئىزدىنىڭ
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى
ئەردوغان بىلەن ماكرون ئىران، لىۋان ۋە غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە نېتانياھۇنى ئەيىبلىدى
ۋانس: «پاكىستاندىكى 21 سائەتلىك مارافونچە سۆھبەتتىن ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى چىقمىدى»
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: سۆھبەت ئامېرىكانىڭ «ئورۇنسىز» تەلىپى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولدى
ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ
«ئارتېمىس» ئەترىتى ئاي ئەتراپىدىكى پەرۋازىدىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قونىدۇ