ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق» دېدى. ئۇ تەرەپلەرنىڭ ئىسلامئاباد ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ناھايىتى ئاز قالغاندا ئامېرىكانىڭ <ھەممىگە ئېرىشىش تەلەپلىرى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان شەرتلىرى ۋە قورشاۋى>غا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە: «سەمىمىيەتكە سەمىمىيەت بىلەن جاۋاب بېرىلىدۇ، دۈشمەنلىك بولسا دۈشمەنلىك ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بۇ باياناتلار ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ (CENTCOM) دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىران پورتلىرىنى دېڭىزدىن قورشاۋغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قورشاۋ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىران سىرتىدىكى پورتلارغا بارىدىغان پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
بۇ تەرەققىياتلار ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلۈپ ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمايلا ئاخىرلاشقان ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىدىن كېيىن يۈز بەردى. پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت، نۇرغۇن قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەكلىپلەردىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى. ئىككى تەرەپ مۇھىم پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلالمايلا ئۈستەلدىن ئايرىلدى ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىققا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سۆھبەتلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.









